مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.02.22 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى 40 پارچە مۇھىم ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ماقالە تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ياراتقان نەزەرىيە نەتىجىلىرى، توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرى، ياراتقان ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەمىنلىگەن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى. بۇ مۇھىم بايانلارنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ھەققىدە» ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  (يولداش شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ھەققىدە» ناملىق كىتابىنىڭ ئاساسلىق مۇندەرىجىسى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى بۈگۈنكى خەلق گېزىنىڭ 2-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ