مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىدە نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان سۆز» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2021.02.18 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشىردىن چىققان 4-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىدە نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان سۆز» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش __ سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يېزىلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردا. يېزىلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، بولۇپمۇ نامرات رايونلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشىمىز، ئالاھىدە كۆيۈنىشىمىز، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، نامرات تاغلىق رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش، 2020-يىلىغا بارغاندا يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىشى، تۇرالغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش __ مەركەز بېكىتكەن نىشان. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يولنى توغرا تېپىش كېرەك. ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپىنىمۇ ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىلمىي پىلانلاش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ ئاچقۇچى ياچېيكىغا تايىنىشتا. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا بەخت يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيدىغان تايانچ، باشلامچى. سىياسەتنى ئەينەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەھۋالنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىشىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىز باش مەقسەتنى تەكىتلەپ نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدۇق، لېكىن تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. پارتىيەمىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، مەركەز خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ئويلىشىدۇ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار دائىم ئۆز-ئۆزىدىن: «بىز پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇقمۇ-قانداق؟»، «بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پۇقرالار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بەردۇقمۇ؟»، «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ خىزمەت قىلىۋاتامدۇق؟» دەپ سوراپ تۇرۇشى، «قىلغان ئىشىمىز پارتىيە ۋە خەلق بىزنىڭ قىلىشىمىزغا تاپشۇرغان ئىشمۇ؟» دېگەننى كۆپرەك ئويلاپ تۇرۇشى؛ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پۇقرالار ئۈچۈن ئىش قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دەل ۋاقتىدا جانغا ئەسقاتىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، نامرات رايونلارغا دائىم بېرىپ تۇرۇشى؛ دائىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ كۆرۈپ، دائىم قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن پاراڭلىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ