جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2021.02.18 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى چيامىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

  لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2021-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش __ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قەدەم قويۇشىمىزدىكى ھالقىلىق بىر قەدەم، بىز ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز، داۋاملىق كەمتەر ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى، ھەر ساھەدىكى ئەربابلاردىن تەخمىنەن 1000 كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، شادلىق كۈلكە سادالىرىدىن خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتى چىقىپ تۇراتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، چاغاننى تەبرىكلىدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بوران-چاپقۇنلار، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەم مەردانە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى؛ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى باشلامچىلىق بىلەن تىزگىنلەپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، ئارقا-ئارقىدىن زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى چەكسىز قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى چەكسىز قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىدىغانلا بولسا، بىزنى ھېچقانداق قىيىنچىلىق يېڭەلمەيدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەزمۇت قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا بىز پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، «14-بەش يىل»دىكى تەرەققىياتتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەشنى ئەسلىي مەقسەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەردىن، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىي قىلىپ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 70 نەچچە يىل بولغان، 91 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان پارتىيە، 100 ياش دەل ئۇنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل. بىز بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا ئەستايىدىل قايتا نەزەر سېلىپ، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا داۋاملىق ياخشى مېڭىپ، غايە-ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە كالا ئەمگەكچانلىقنىڭ، ئۆزىنى بېغىشلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ، كۈچ قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى. كىشىلەر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇشنى پىداكار كالىغا، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى بوز يەر ئاچقۇچى كالىغا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، چىدامچان بولۇشنى ئىشچان كالىغا ئوخشىتىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پىداركار كالا، بوز يەر ئاچقۇچى كالا، ئىشچان كالا روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، جاپادىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان كالا كۈچى ئارقىلىق ھەيدەكچىلىك قىلمىسىمۇ ئالغا ئىلگىرلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم تارقىتىلدى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئەربابلار ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ