شى جىنپىڭ جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە باش مەقسەت سۆزى قىلدى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى

2021.02.10 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىغا سىنلىق شەكىلدە رىياسەتچىلىك قىلدى، بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا، چېخ، قاراتاغ، پولشا، سېربىيە، ئالبانىيە، كىرودىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگىرىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، سىلوۋاكىيە، بۇلغارىيە، سىلوۋېنىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، رومىنىيە قاتارلىق ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئەمەلىي تەكشى بولۇش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش − كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توققۇز يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. توققۇز يىلدىن بۇيان، جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەمكارلىق پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى.

  بىرىنچىدىن، كۆپچىلىك ئىش بولسا مەسلىھەتلىشىپ قىلدۇق. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىشتا قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويماسلىقتا، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇش، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردا ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇردۇق.

  ئىككىنچى، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردۇق. دىققەتنى ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىقنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بىرلەشتۈرۈش، سودا بىلەن مەبلەغ سېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردۇق. توققۇز يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا سوممىسى %85 كە يېقىن ئاشتى، قوش يۆنىلىشلىك ساياھەت ئالاقىسىدىكى ئادەم سانى تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قاپلىدى، زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ نەتىجىلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلدۇق. ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تۈگەتتۇق. كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا قائىدىگە ئەمەل قىلىش __ بازار پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، باشقا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائال قاتنىشىپ، تەڭ پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدۇق. رايون ھالقىغان ھەمكارلىق بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز خىرىسقا تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. مىسلىسىز خىرىسقا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇنداق تۆت تەكلىپ بەردى:

  بىرىنچى، يۇقۇم خىرىسىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش ھەمكارلىق ئىشەنچىمىزنى چىڭىتساق؛ بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى داۋالاش، دورا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سەھىيە داۋالاش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرسەك. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋاكسىنا ھەمكارلىق ئېھتىياجىنى پائال ئويلىشىشنى خالايدۇ. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

  ئىككىنچى، دىققەتنى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنىڭ ھەمكارلىق تومۇرىنى راۋانلاشتۇرساق؛ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇپ، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىساق؛ تاموژنا سودا بىخەتەرلىكى ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاقىل تاموژنا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا، ئەقلىي بەھىرلىك ئالاقە» ھەمكارلىق سىنىقىنى قانات يايدۇرساق.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى كېڭەيتسەك. جۇڭگو بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن جەمئىي 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە تاۋار ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىدى. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش ئىجازىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش سوممىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشنى، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك سودا سوممىسىنى %50 ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نىڭبو، ساڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى، كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىق قۇۋۋىتى بەرپا قىلساق. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، 2021-يىلى «جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى يېشىل تەرەققىيات ۋە مۇھىت ئاسراش يىلى»نى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يېشىل ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرساق. جۇڭگو جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش، جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ساغلاملىق كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىق سۆزلىشىش مېخانىزمى ۋە جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاممىۋى ساغلاملىق كەسپى ئىتتىپاقى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرسەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئېچىۋېتىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى پىلان تۈزۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو -ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىن كۆرۈڭ)

  يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى __ جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ مۇھىم رايون ھالقىغان ھەمكارلىق مېخانىزمى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە يۇقۇم داۋاملىق يامراۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى __ جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى يېڭى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ ھەمكارلىققا داۋاملىق قاتنىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى يەر شارىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا ۋە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا قوشۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگوغا بولغان تاۋار ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى بەس-بەستە تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال-خورام ئۆتۈشى، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىدى.

  ئاۋسترىيە، بېلارۇسىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، شىۋېيتسارىيە ۋە ياۋروپا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق كۆزەتكۈچىلەر ۋەكىللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  باشلىقلار يىغىنىدا «2021-يىللىق جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى بېيجىڭ پائالىيىتى پىلانى» ۋە «جۇڭگو __ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ