مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-قېتىملىق كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش تاماملاندى

2021.02.09 20:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-قېتىملىق كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى يېقىندا پۈتۈنلەي تاماملاندى. بۇ قېتىملىق كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىشتا تۇنجى قېتىم مەركەزلىك سىندا قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئېچىش ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى «بىرگە بىر» نەق مەيداندا قايتما ئىنكاس قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلدى.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-قېتىملىق كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى، كۆزىتىلىدىغان 32 رايون، ئورۇندا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز كۆزىتىش ئۇنىۋېرسال ئەھۋالىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئۆگىنىلىپ، كۆزىتىپ قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ شياۋدۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، 14 مەركەز ئورنىدا نەق مەيداندا قايتما ئىنكاس قىلدى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەرقايسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىغا كۆزىتىشتە بايقالغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم رەھبەرلىك بەنزىسىگە كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىملىق كۆزىتىشكە چېتىلغان بەش مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللار قوشۇپ قايتما ئىنكاس قىلىندى.

  قايتما ئىنكاستا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشقۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  لېكىن كۆزىتىشتە بەزى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، ئەمەلىيەتكە باغلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇر بولمىغانلىقى، مەسئۇلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جايىدا بولمىغانلىقى، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى تەلەپلەردە پەرق ساقلانغانلىقى؛ بەزلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، بېسىمنى جايىدا يەتكۈزمىگەنلىكى، بىر قىسىم نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ كۆپ يۈزبېرىپ، ھالقىلىق ئاز سانلىقلار، بولۇپمۇ «1-قول»نىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش-چەك قويۇش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللەشمىگەنلىكى، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش مەسىلىسىنىڭ جايىدا بولمىغانلىقى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكى؛ بەزىلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كەمتۈكلۈك بارلىقى، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئاجىز ھالقىلارنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى.

  قايتما ئىنكاستا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىلگەن جايلاردىكى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا ئورۇننى توغرا تېپىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دەل جايىدا بولغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  قايتما ئىنكاستا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ شۇجىلىرى 1-مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، شۇ دەرىجىدىن، ئۆزىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈش، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش، جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نەتىجىسىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك.

  قايتما ئىنكاستا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش رولى ۋە ئامما بىلەن ئالاقە قىلىش ۋاسىتىلىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىشنى ئىنتىزام، رېۋىزىيە تۇرۇشقا ئەۋەتىش، تەشكىلات قاتارلىق نازارەتچىلىك بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىكنىڭ سىرتقى ئىتتىرىش كۈچىنى تۈزىتىش ئارقىلىق كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قىلىپ تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى سىياسىي نازارەتچىلىك ۋە كۈندىلىك نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بەنزە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، باھالاش، ئىشلىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى بەنزىنىڭ يىللىق ئۇنىۋېرسال باھالىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ