مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.02.09 20:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- فېۋرال ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى ھەم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى كۈرەش نىشانى بېكىتىلدى، بۇ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن يولداش رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ۋە مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت خىرىسى ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى تەتۈر ئېشىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى نامايان قىلىندى، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم «14-بەش يىل»لىق پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى شۇنداقلا ۋىيېتنامنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى 13-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلانمىدا تۇرماقتا. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى پارتىيە يۇقىرى قاتلىمىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكى ۋە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ياخشى ساقلاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققىچە يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «ئىككى كارىدور، بىر چەمبەر» ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايون قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپچىللىككە قارشى تۇرۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ تېزدىن كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى ھەم دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  رۇەن فۇجۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىغا بولغان ياخشى تىلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيىدا، ۋىيېتنامنىڭ كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى، ۋەزىپىسى ھەم 2030-يىللىق ۋە 2045-يىللىق تەرەققىيات ئارزۇسى بېكىتىلدى. جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئەزەلدىن ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى، ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەزكۇر رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن رۇەن فۇجۇڭ ئۆز ئارا چاغانلىق سالام يوللىدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ