مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2021.02.08 19:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. ۋاڭ ياڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ 2020-يىلى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، 2021-يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلار ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە خىزمەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ ۋە پىلانلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ياخشى باشلىنىپ، قەدەمنى ياخشى تاشلىشىغا تۆھپە قوشۇشى لازىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە دىن ئىدىيەسى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دىنىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلىمى مۇۋاپىق، سۈپىتى ياخشى، پەلەمپەيسىمان مۇۋاپىق دىنىي خادىملار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىچكى تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك دىنىي قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى كۈرەشتە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چاغان مەزگىلىدە ئادەت خاراكتېرلىك دىنىي پائالىيەتلەر نىسبەتەن مەركەزلەشكەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىمكانقەدەر ئاز يىغىلىش، ئاز يۆتكىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىنىي تەشكىلاتلار − پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىن خىزمىتىگە، دىنىي زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىققا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ئۈچ ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ