خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىنسانىيەت نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسى خەلقئارا مۇنبىرى 14-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقنى تۈگىتىش − ئىنسانلارنىڭ ئورتاق غايىسى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر كۈرەش نىشانى قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 2012-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىلگىرىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. سەككىز يىل سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يىل جۇڭگودا ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، يېزىلاردىكى يۈز مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يەر شارىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن مۇنبەرگە قاتناشقان ئەربابلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىگە ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ