مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-سومالى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ سومالى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2020.12.15 19:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-دېكابىر سومالى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن سومالى بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ كەلدى. 2018-يىلى 9-ئايدىكى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ مۇھەممەد بىلەن جۇڭگو-سومالى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى. مەن جۇڭگو-سومالى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مۇھەممەد تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 60 يىلدا، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ياخشى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى سومالى بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق ھەمكارلىقى، دوستلۇقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. سومالى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ دوستى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ