مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى

«ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»غا قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.12.01 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى يىغىن ئېچىپ، «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىياسىي خىزمەت __ خەلق ئارمىيەسىنىڭ جان تومۇرى، ئۇنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي ئارمىيە قۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئارمىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى بولۇش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك سىياسىي خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ زېھىن ۋە كۈچنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنى جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى پۈتۈن ئارمىيەدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ سىياسىي خىزمەتنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ تەپەككۇر ئىدىيەسى، ھەرىكەت ئەندىزىسى، يېتەكچىلىك ئۇسۇلى، چارە-ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يۈكسەك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ ۋە بىرلىكسەپ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش __ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە-نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى، بىرلىكسەپ ساھەسىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات روھىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە بىرلىكسەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە بىرلىكسەپ خىزمىتىنى ئىشلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار يېڭى دەۋردە بىرلىكسەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىكسەپ نەزەرىيەسى، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرلىكسەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكسەپنى ھەقىقىي ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، بىرلىكسەپ خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسەپ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىشلارغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ئىچى دېموكراتىيە تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى. «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»غا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىش كىرگۈزۈش __ پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بارلىق پارتىيە ئەزالىرى مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇق، مەسئۇلىيەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش بىلەن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. پارتىيە ئەزالىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى زۆرۈر. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نىزامنى يولغا قويۇشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دائىملىق بولغان پارتىيە ئەزالىرى مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى يېڭى مۇساپىدە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى؛ پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك نازارەتنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرى بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۇرۇس، پاك بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى؛ «ئۈچنى ئايرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دادىل ئىزدىنىشكە، تىرىشىپ كەسىپنى قەدىرلەشكە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئەستايىدىل ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، قارا چاپلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى ۋاقتىدا ئاقلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇللار نىزامدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ ھەم يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش جەھەتتىن ئۈلگە تىكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىشى، ھەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىشلىرىغا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشى لازىم.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ