پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2020.11.13 19:10 مەنبە: خەلق تورى

  ◆ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك

  ◆ پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ جانلىق، رېئال ئىسپات بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ جانلىق ئەمەلىيەت كۆرۈنۈشى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شەكىللەنگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي فاڭجېنى تامامەن توغرا؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى؛ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز شەرت

  ◆ ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىت ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان 30 يىل. يېڭى مۇساپىدە پۇدۇڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتىگە، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلىشىمىز، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىش سۇبيېكت گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا قويۇپ ئويلىنىشىمىز ۋە پىلانلىشىمىز، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىلمىي ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، كىرىزىس داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق توپلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى جانلاندۇرۇش كېرەك؛ يۇقۇرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلىكى يارىتىش كېرەك؛ يەرشارىنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق شەھەر قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 12-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.

  شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى مەركىزى داغدۇغىلىق، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. يىغىن مەيدانىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۇدۇڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى! دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان ئىدى.

  سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 30 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، شاڭخەينىڭ پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور ئۈمىد باغلىدى، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى باشلامچى قىلىشنى، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەرنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىشنى، شاڭخەينى تېزدىن خەلقئارا بويىچە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى، پۇدۇڭدىن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى داۋاملىق پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنى پۇدۇڭغا قويۇپ، پۇدۇڭنىڭ ئېچىش، ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شاڭخەيدىكى كادىرلار، ئاممىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى! پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشكە كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان، قاتناشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چاۋمىن قېرىنداشلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەربابلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ