مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.11.12 19:23 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەننىڭ 7-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ پۇدۇڭ يېڭى رايونىدا بازار ئىجازىتى بويىچە «بىر كەسىپ، بىر كىنىشكا» سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ۋە ئۆلچەش-سىزىش سالاھىيىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 7-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ پۇدۇڭ يېڭى رايونىدا بازار ئىجازىتى بويىچە «بىر كەسىپ، بىر كىنىشكا» سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ۋە ئۆلچەش-سىزىش سالاھىيىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى تەكشۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن يەرلىكنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەكلىپىگە قۇلاق سېلىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈردى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 تىرىليون يۈەنلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغىنى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ئاساسىي قاتلاملارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، كارخانىلار ۋە خەلققە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن، بولۇپمۇ كارخانا ۋە ئامما دۆلەت يولغا قويغان 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى ساقلاپ قېلىش، بازار ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «شىپالىق يامغۇر» ئېلىپ كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان.

  كېيىنكى قەدەمدە، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بېكىتىلگەن تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان جايلارغا ئىلھام بېرىش كېرەك. تەكشۈرۈشتە بايقالغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تولۇق بولماسلىق، بازار سۇبيېكتىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۈك ئارتىش، مەبلەغ بىكار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تىزىملىك تۈزۈپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش كېرەك. تۈزەش جايىدا بولمىغانلارنى ئاشكارىلاپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەم بۇ يىللىق سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم كېلەر يىللىق نۇقتىلىق سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ ياخشى پىلانلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ