مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

2020.11.12 19:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، دەپ كۆرسەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭ قۇرۇش، تەڭ ئىدارە قىلىش، تەڭ بەھرىلىنىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، شەھەر، رايونلارنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ئۇللۇق خىزمەتلەر، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر تىنچلىق قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزملىق، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئامانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 10-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر ئىچىدىكى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، تىنچ-ئامان قۇرۇش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ