مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى

(2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2020.11.04 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «14-بەش يىل»دا ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل. جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى بېكىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش.

  1. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش باسقۇچى. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ ئاشتى؛ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېزىلاردىكى 55 مىليون 750 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ ئاشلىقنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا بەش يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشتى؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئالىي مائارىپ ئومۇملىشىش باسقۇچىغا كىردى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 60 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئاشتى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىلياردقا يېقىن ئادەمنى قاپلىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى گۈللىنىپ راۋاجلاندى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىن ئۈمىد بار، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەر مىللەت خەلقى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، غەيرەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى «100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ