مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنى گۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

لى جەنشۇ قاتناشتى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسى، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

2020.04.28 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسى، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، گوۋۇيۈەنگە جۇڭگو (خەينەن) ئەركىن سودىسىغا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان خادىملار بىردەك مۇنداق قارىدى: قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ___ بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، جىددىي ۋە ئىنتايىن زۆرۈر. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى لايىھە يېڭى ۋەزىيەتتىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسىنى نامايان قىلىپ، قانۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىپىسلاشتۇرۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى، تۈزۈم قائىدىسىنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى لايىھە كۆپ قېتىم تۈزىتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، تۈزۈم قائىدىسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى، ھازىر بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى، بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش تەكلىپى بېرىمىز.

  ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان خادىملار بىردەك مۇنداق قارىدى: دەسلەپكى لايىھەدە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى نازارەت قىلىشتەك ئىسلاھات تەلىپى تولۇق نامايان قىلىنىپ، مەمۇرىي جازا قانۇن بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، جىنايى ئىشلار جازاسى بىلەن جىپىسلاشتۇرۇلدى، بۇ مەمۇرىي جازانى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر بولۇش، جازالاش تەڭ بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپلار قوشۇلۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوغداش بەلگىلىمىسى قوشۇلۇپ، مەمۇرىي جازا تەرتىپى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇۋاپىق، مەشغۇلاتچانلىقى، قائىدە خاراكتېرلىكى كۈچلۈك، يەنىمۇ تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېزدىن ئېلان قىلىش تەكلىپى بېرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ