خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2020-يىلى 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «نىزام»دا ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىش ھەققىنى بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش ھەققىنى قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
بىرىنچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك؛
ئىككىنچى، مائاش بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛
ئۈچىنچىدىن، مائاش قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك؛
تۆتىنچى، قۇرۇلۇش ساھەسىگە قارىتا، ئالاھىدە بەلگىلىمىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك؛
بەشىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىپ، مائاش بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(«نىزام» نىڭ تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىنىڭ 15-بېتىدىن كۆرۈڭ).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى