مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش لازىم

−− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.09.29 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئەللىك ئالتە يۇلتۇز، ئەللىك ئالتە گۈل، ئەللىك ئالتە مىللەت قېرىنداشلار بىر ئائىلە». جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر چوڭ ئائىلە بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر؛ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دەل بىر چوڭ ئائىلىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئەزالارنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر.

  «ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇللۇق ئىش سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  «دۆلەت تەۋەسى كەڭرى بولسىمۇ، خەلقنىڭ گۈللەندۈرۈشىگە موھتاج». بىزنىڭ بىپايان زىمىنىمىزنى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئاچقان. ھەر مىللەت ئەجدادلىرى جاپا-مۇشەققەت چېكىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى بىرلىكتە ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇنبەت زېمىن ___ ھەر مىللەت ئەجدادلىرى بىزگە قالدۇرغان مۇقەددەس يۇرت، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى گۈزەل ماكان. بىزنىڭ ئۇزۇن تارىخىمىزنى ھەر قايسى مىللەتلەر بىرلىكتە يازغان. چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىنىڭ ھەيۋىتى، بۈيۈك تاڭ دەۋرىنىڭ سالاپىتى، كاڭشى، چيەنلۇڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان تارىخ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىگە چىڭ تايىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك يىغىندىسى.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق ئېسىل، مول ۋە چوڭقۇر بولۇشى ئۇنىڭ قوبۇل قىلىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولۇشىدا. ھەر مىللەت مەدەنىيىتى بىر- بىرىگە نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى. بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق يېتىلدۈرگەن. تارىخ مۇساپىسىدە، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى ئورتاق ياراتتى. جۇڭخۇا مىللىتى روھى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قېنى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ