خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-سېنتەبىر نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 18-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆز»ى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. يېڭى ۋەزىيەتتە، خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز، شۇنداقلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگودا قانداق سىياسىي تۈزۈم ئورنىتىش − يېقىنقى زاماندىن كېيىن جۇڭگو خەلقى دۇچ كەلگەن تارىخىي تېما. يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كېلىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ ئويىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشىغا ئالدىنقى شەرت ۋە شارائىت يارىتىپ بەردى. جۇڭگودا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش − جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ چىقارغان ئاساسىي يەكۈنى، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى كەسكىن ئۆزگىرىش، داۋالغۇپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ، ئۆز تەقدىرىنى ئىگىلىشىدىكى مۇقەررەر تاللىشىدۇر. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ