شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن كۆرۈشتى

2019.06.28 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27- چېسلا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-كورىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى تارىخىي ئېقىمغا ئۇيغۇن، ئۇ ھەم شۇنداقلا ئىككى دۆلەتتىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىدۇر. جۇڭگو جەزمەن كورىيە بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، سودا، پەن-تېخنىكا، مالىيە-ئىقتىساد ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-كورىيە ئەلئارا دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو-كورىيە ھەمكارلىقى پۈتۈنلەي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، بىر-بىرىدىن تەڭ مەنپەئەتلىنىدۇ، تاشقى بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. مەن كورىيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ چوقۇم ب د ت ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ