«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 1-تومىنىڭ تاجىكچە نەشرىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو-تاجىكىستاننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.06.13 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 1-تومىنىڭ تاجىكچە نەشرىنى تۇنجى تارقىتىش ۋە جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى. تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانوف خەت ئەۋەتىپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 1-تومىنىڭ تاجىكىچە نەشرى نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. تاجىكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى سەئىد، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇي، تاجىكىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈف، جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ بىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ