لى كېچياڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.05.28 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 37 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر چوڭ، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك باراۋەر دېگەن تەشەببۇستا تۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو، ۋانۇئاتو ئىككىلىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە بولۇپ، بىز ۋانۇئاتو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ۋانۇئاتۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ