باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كۇرىز بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.04.30 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئاۋسترىيەنىڭ زۇڭلىسى كۇرىز بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاۋستىرىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇردى. جۇڭگو ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىكتە سىياسى جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئاۋستىرىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئاۋستىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىدا داۋاملىق پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۇرىز مۇنداق دېدى: 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو ئاۋستىرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، خادىملار ئالاقىسى كۆپەيمەكتە. ئاۋسترىيە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە قايىل. جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىك، ساياھەت، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى نۇرغۇن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا كۇرىز شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر