باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.29 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو زۇڭتۇڭ راخماننىڭ تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىجرا قىلغان ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاجىكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى تاجىكىستاننىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش، توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودىنى كېڭەيتىشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، تاجىكىستاننىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگە ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ تاجىكىستان مەدەنىيەت بايرىمىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ بۇ يىللىق ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى باشلىقلار يىغىنى ئومۇمىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  راخمان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇق پاراڭ سارىيى بولماستىن، بەلكى ئەمەلىي ھەمكارلىق سۇپىسى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، تاجىكىستاننىڭ سانائەتلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. تاجىكىستان خېلى بۇرۇنلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىدى، دۆلەتنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئورتاق زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. تاجىكىستان-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىنى تىلەيمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر