باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىككى يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللارنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2019.03.06 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ 2019- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىسىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئارقىلىق كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توك باھاسى قوشۇمچە ھەققىنى ئېنىقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەتتىكى سودا-سانائەتنىڭ ئوتتۇرىچە توك باھاسىنى يەنە %10 تۆۋەنلىتىش كېرەك. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنى نامۇۋاپىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قالايمىقان جەرىمانە قويۇشنى تۈزەش كېرەك. ئىككى يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللارنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ماشىنىلارنى توختاتماي كېتىۋېتىپلا تېز ھەق تۆلەشكە بولىدىغان تۈزۈم ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى ئازايتىلىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىلىش كېرەك. بىر تۈركۈم تۆمۈر يول ۋە پورتلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىشىنى مەخسۇس تۈردە تۈزەش كېرەك. مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى داۋاملىق ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ھەق ئېلىش تىزىملىكىنىڭ «بىر تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاشتۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى يوشۇرۇنىدىغان جايى يوق قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر