باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەن جىڭ رۇسىيەلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2018.11.30 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇشۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى، رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى سيې چىن بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك ، مۇقىم، چوڭقۇر ھەمكارلىق بولۇپ ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە . جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى بويىچە ، ئېنېرگىيە سودىسى ، نېفىت -تەبىئىي گاز تەكشۈرۈپ ئېچىش، ئېنېرگىيە تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .

  سېچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرى ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى تۇتاشتۇرۇشنى يېڭىدىن مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى . رۇسىيە بىر بەلباغ ، بىر يول تەشەببۇسىنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىش رامكىسى ئاستىدا ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر