باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ چىشەن 72- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى لەيچاك بىلەن كۆرۈشتى

2018.07.03 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 2- ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە 72- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى لەيچاك بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتى بولسا، 14 مىليون جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تاشقى مۇھىت. رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ۋە ئىلگىرى سۈرگەن ئارزۇلار، يەنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، ئۇزاققىچە تىنچ ئۆتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىخەتەر تۇرىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق بولىدىغان، پاكىز ۋە گۈزەل بىر دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن.

  جۇڭگو مۇشۇ «بىر بەلباغ ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ؛ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ۋە ب د ت نىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق تۈردە قەتئىي قوللاپ، ئادىل ۋە ھەققانىي بولغان دۇنيانىڭ تۈزەش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  لەيچاك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بولسا، كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، ب د ت جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر