باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.03.18 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 17-مارت دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان بۇ قارار سىزنىڭ يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، بۇ سىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىڭىزنى، خەلقئارا سەھنىدە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقانلىقىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك. زور جەھەتتىن ئالغاندا، سىز بىۋاسىتە تۈرتكە بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەن سىز بىلەن يەنە كۆرۈشۈدىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، بىز چوقۇم رۇسىيە-جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشالايمىز. شۈبھىسىزكى، بۇ دوستانە رۇسىيە-جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئورۇندا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-مارت كېلىشكىنى بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  مېركېل شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى تېخىمۇ قويۇق بولغان گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە مېخانىزملىق سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. گېرمانىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىزچىل قوللاپ، ئۇنى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۆۋرۈكى دەپ قاراپ كەلدى، تۈر ھەمكارلىقى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپنىڭ تەرتىپىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر