- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى
يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى، جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
2018.03.05 16:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 2980 كىشى، 3-مارتقىچە 2976 كىشى يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇردى. 4-مارتتىكى تەييارلىق يىغىنىغا 2951 كىشى قاتناشتى، 29 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇنغا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.
جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-مارت ئېچىلىدىغانلىقى، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر