خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى موسكۋادىكى كىرېمل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ۋىيېتنامنىڭ داناڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچراشتى. جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پۇختا تەرەققىي قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى