باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2017.11.30 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ئىمزاسىدا يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىنىپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار، جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنغان « مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى> قاتارلىق 11 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي نىزاملارنى رەتلەپ، ئىككى مەمۇرىي نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانا قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىن ئىبارەت ئىككى مەمۇرىي نىزامنىڭ ئۈچ ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ماقۇللاندى، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش توختامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئائىلە تۇغۇت ئانىسى تېخنىكا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يەرلىك يولغا قويىدىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر