باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلدى

2017.10.24 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار، جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوزغاش ئۈچۈن، گۇۋۇيۈەن مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەمۇرىي قانۇن-نىزامدىن 15 سىنىڭ قىسمەن ماددىلىرى بىلەن تارماقلىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن مەزمۇنلاردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر بار:

  مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە، «ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»، «مېتېرولوگىيە ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» قاتارلىق 15 مەمۇرىي قانۇن-نىزامنىڭ 35 ماددا-تارماقلىرىنى ئۆگەرتىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق ساياھەت يېتەكچىسى كېنىشكىسى، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش سالاھىيىتى ئىجازىتى قاتارلىق يەرلىك يولغا قويىدىغان 20 مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر