باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كۆكخوتقا يېتىپ باردى

2017.08.08 11:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلان بىلەن كۆكخوتقا يېتىپ باردى. ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئايرودرومدا مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۈتۈنۋالغىلى ئايرودرومغا كەلگەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ھال سورىدى. كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مۇزىكا ساداسى بىلەن تەڭ موڭغۇل قىزچاق مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىنىڭ ئەزالىرىغا كۆك خادا تەقتىم قىلدى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن كۆكخوتقا يېتىپ باردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى 63 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئەزالىرى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى، ئازادلىق ئارمىيە ، قۇراللىق ساقچى قىسىم، شىنجاڭ ، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى موڭغۇلغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بېيجىڭ شەھرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر