باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.05.12 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ11-ماي «خەلق» سارىيىدا ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتاش قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك ھەمراھلار. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، قوشنىلاردىن ئايرىلالماسلىق فاڭجېنىدا، ئىناق ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قۇرساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئىگىلىشى كېرەك. جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشلار ۋە مەدەنىيەت كەسپىي ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. دېڭىز ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىشى ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇش، تىزگىنلىشى كېرەك. ب د ت، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ دەرياسى-مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر