- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ 2017- يىللىق جۇڭگو چىڭدۇ خەلقئارا ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىكنامە ئەۋەتتى
2017.05.12 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2017- يىللىق جۇڭگو چىڭدۇ خەلقئارا ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى باشلىقلار يىغىنى 11-ماي سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىكنامە ئەۋەتتى.
لى كېچياڭ تەبرىكنامىسىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، 400 نەچچە مىڭ دەسلەپكى ئىش باشلىغان كارخانىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلدى، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ۋە ياخشى، سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر