باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ مېخانىزملاشقان ئالاقە پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.03.24 12:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ سۆھبەت مېخانىزمى توغرىسىدىكى 6 - قېتىملىق يىغىنى ۋە 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر مۇنبىرى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ سۆھبەت مېخانىزمى توغرىسىدىكى 6 - قېتىملىق يىغىنى ۋە 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر مۇنبىرى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش روھى ۋە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە دوستانە ئۆتۈش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككىمىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قويۇق مېخانىزملاشقان ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئون يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە، جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆھبەت مېخانىزمى يىغىنى ۋە جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر مۇنبىرى ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى مېخانىزملاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە مۇنبەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تەدبىرلەر» ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئاساسىدىكى جۇڭگو - رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقى»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى، دېيىشكە بولىدۇ. موسكۋا بىلەن بېيجىڭ رايون ۋە خەلقئارالىق زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغدايدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلاندى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگودىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ۋە مۇنبەر رامكىسى ئاساسىدا قانۇن چىقىرىش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە مول ئۈنۈملۈك تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى ھەم ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. مەن بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە مۇنبەرنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا رۇسىيە خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر