باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خەينەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى ئىقتىسادنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك

2016.03.28 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-مارتتىن 25-مارتقىچە، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىلىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو باۋمىڭ، ئۆلكە باشلىقى ليۇ سىگۇينىڭ ھەمراھلىقىدا سەنيا، چيۇڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

  خەلقئارالىق ساياھات ئارىلى قۇرۇش خەينەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىختىمائىي تەرەققىياتىدا چوقۇم يارىتىشقا تېگىشلىك چوڭ سەھىپە. لى كېچياڭ سەنيا شەھەر ئاھالىسى ساياھەتچىلەر مەركىزىگە كېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كەسپىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئۈندىدارغا چىقىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئىستۇدېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن ياشلارنىڭ شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس خام ئەشيالىرىدىن ياسالغان ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى يايمىسىنى كۆرۈپ، ئىجادىيلىقى مول ئىكەن، ئۇششاق تاۋارلار ئارقىلىق كەلگۈسى زور ئۈمىدنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى زامان ساياھەتچىلىكى 1-،2-،3-كەسىپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال كەسىپ، بۇ بىر خىل يېڭى ئىقتىساد بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىشتۈرۈش يېڭى تەرەققىيات ئىسىيەسىگە بوي سۇنۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورال ھالىتىگە ماسلىشىشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ، يەنە ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى زۆرۈر ۋە پايدىلىق شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ. ھازىر يىلىغا يەتتە مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنت ۋە بەش مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتكۈزىۋاتىدۇ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەغلۇب بولغانلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسپىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان زور مىقتاردىكى ئىش ئورنىنى يارىتىپ، يېڭى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر