باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېخ تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2016.03.28 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، تۈنۈگۈن چېخ «ھوقۇق گېزىتى»دە، «جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ساداسىنى ياڭرىتايلى» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېخ-يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلاندى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ ماكان ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ سودا، يادرو ئېلېكتىرى، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭقۇر دوستلۇقى بار. ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئارزۇسى ۋە ياخشى ئەلرايى ئاساسىنىڭ پايدىسىدىن، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە قۇرۇشى ھەم جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىشى-جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ ماكان ھازىرلاپ بەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى تارىختىكى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇپ، مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشمەكتە. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيە ماسلىقى يۇقىرى، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن چېخ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم تارىخىي پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، چېخ خەلقى بىلەن بىرلىكتە، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇۋېتىش؛ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈش؛ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دەۋر مەزمۇنىنى بېيىتىش؛ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ سەھنىلەردىن ياخشى پايدىلىنىش؛ جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كېلەچەكنى بىرلىكتە يارىتىش؛ جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ھەم جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشنى كۈتمەكتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر