باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكىر›› ۋە ‹‹چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى›› غا قاراپ چىقىلدى

2016.03.28 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 25 – مارت يىغىن ئېچىپ، ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكىر›› ۋە ‹‹چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى››غا قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتى ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم قارارى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىش، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم، سىياسەت، قائىدە – نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىرىكىش سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ماس، تەڭپۇڭ، بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەتكە، ئارمىيەگە، خەلققە پايدىلىق زور ئىستراتېگىيە، ئارمىيە بىلەن يەرلىك مەسىلىلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تونۇپ ۋە تەپەككۇر قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەلىپىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇكەممەل، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەڭ دائىرىلىك يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىسلاھات چارىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نەزەرىيە، پەن – تېخنىكا، باشقۇرۇش، ئەمەلىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا نەقلەشتۈرۈش، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا قوللىنىش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاياتلىق دەرياسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەشتە جەزمەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى، يېشىل تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق كېرەك. مەملىكەتلىك ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى پىلانلاش تەلىپىگە ئاساسەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا قاتتىق چەكلىمە قويۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئېچىش چەكلەنگەن ساھىللار، دەريا بۆلىكى، رايون، كەسىپلەرنى بېكىتىپ، دائىملىق نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار قانۇنلارنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈش ۋە تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش تەلىپى بويىچە ئىدارە قىلىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىتىش كېرەك. تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ‹‹قوشۇش ئۇسۇلى›› نى، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى شاللىۋېتىشتە ‹‹كېمەيتىش ئۇسۇلى››نى قوللىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەنى قوغداش شەرتى بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىيلىقى، ماسلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىللارنى سەپلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مۇھىم سۇ يولىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشى ۋە تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل، قاتنىشى تېخىمۇ راۋان، ئىقتىسادى تېخىمۇ ماسلاشقان، بازار تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن، مېخانىزمى تېخىمۇ ئىلمىي بولغان ئالتۇن ئىقتىساد بەلبېغى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر