باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى ۋە گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2016.03.05 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلىلار 4-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالارنى يوقلىدى ۋە گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى.

  لى كېچياڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىندا، ليۇ مىڭكاڭ، لياڭ بوتاۋ، ياڭ شياۋپىڭ قاتارلىق ئەزالار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلدى. لى كېچياڭ ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ سۆز قوشۇپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش، خەلق ئىگىلىكىنى ياخشىلاش، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىشلارنىڭ ھەممىسىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، «12-بەش يىللىق» پىلان غەلىبىلىك تاماملاندى، بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر