باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئېلىمىزنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

يۈ جېڭشېڭ يوقلاشتا بىللە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2016.03.05 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمنى يولغا قويۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېكىتكەن ئۇلۇغۋار فاڭجېن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش ۋە يېتەكلەشتە قەتئىي ئېغىشماسلىق كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆزگەرمەيدۇ، بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش، يېتەكلەش فاڭجېن – سىياسەتلىرىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش فاڭجېن – سىياسەتلىرىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يوقلاشتا بىللە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا بەي چۇڭئېن، نەن سۇنخۇي، خۇ كېيى، لى يەنخۇڭ، لى يۈگۇاڭ، شۈ گۇەنجۈ، گو يۆجىن، ۋاڭ ۋېنبياۋ، جاڭ مىڭخۇا، چېن جىلى قاتارلىق ئون ئەزا تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش، تور ئىگىلىكى تەرەققىيات بوشلۇقىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كېڭەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئاۋۋال مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار بۇ پىكىر – تەكلىپلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالارغا، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسىدىكى زاتلارغا ھەم بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا چوڭقۇر سالام يوللىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر