باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كىسسىنگېر قاتارلىق جۇڭگو-ئامېرىكا «2-لىنىيە»دىكى يۇقىرى قاتلام سۆھبىتىگە كەلگەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.03 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-نويابىر «خەلق» سارىيىدا جۇڭگو-ئامېرىكا «2-لىنىيە»دىكى يۇقىرى قاتلام سۆھبىتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كېسسىنگېر ۋە سابىق دۆلەت كاتىپى شۇلتز،سابىق مالىيە مىنىستىرى رۇبىن، سابىق سودا ۋەكىلى خېئەلىس، كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ناخن، سابىق زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى خادلى، دونىلون قاتارلىق ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. زۇڭتۇڭ ئومابانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھازىر يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دوستلۇق رىشتىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى تەرەپ، رايون، خەلقئارا قاتلاملارنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى زورايتىپ، مەنپەئەتنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر