باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-فىرانسىيە دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشنى بىردەك قوشۇلدى

2015.11.03 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-نويابىر «خەلق» سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: رەھبەرلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىمىز بىلەن جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، ھەر قايسى ساھەرلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ مۇقىملاشتى، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتى، يېڭى ھاياتىي كۈچگە ئىگە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئايلاندى. بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق زىچ، ئۇزاق مەزگىللىك جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو-فرانىسيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، سىياسىدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنىڭ يېتەكلەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدەك ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، كونكىرت ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى تەرەپ يادرو ئېلېكتىر، ئايروپىلان ياساش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تۈرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا پائال ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە فىرانسىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق مىڭ كىشىلىك پىراكتىكانت پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ رايون ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ خەلق پۇلىنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە پۇل قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ، فىرانسىيە بىلەن بىرگە خەلقئارا پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا فىرانسىيە بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىشنى خالايدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر