باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەجبۇرىي ئىجتىمائىي ئەمگەك قىلىش قاتارلىق جىنايى جازا شەكلىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى

2015.11.03 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ 2-نويابر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جازا تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەجبۇرىي ئىجتىمائىي ئەمگەك قىلىش قاتارلىق جىنايى جازا شەكلىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ساۋ جيەنمىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى جازانى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلغاندا جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ۋە جازانى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن جىنايى جازا ئىجرا قىلىش قانۇنىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، جىنايى جازانىڭ تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىي ئىجتىمائىي ئەمگەك قىلىش قاتارلىق جازالاش شەكلىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەردى. يېنىك جىنايەت شەكلىللەندۈرگەن دېلولارغا قارىتا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا مەلۇم ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئەمگەككە قاتنىشىشنى ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جازاسى كېمەيتىلگەندىن كېيىنكى جىنايەتچىنىڭ ساختا توۋا قىلىشى، ئۆزگەرتىشكە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەتتا قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بايقالسىمۇ جازا يېنىكلىتىشنى بىكار قىلىشى تەس بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا جازانى يېنىكلىتىش سىناش مۇددىتى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  ساۋ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: 2010-يىلدىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىدى. جىنايى جازانى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، نامۇۋاپىق جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى تۈزەتتى. 2010-يىلى 1-ئايدىن بۇ يىل 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي نازارەت قىلىپ تۈزەتكەن نامۇۋاپىق جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغانلار سانى 88مىڭ 833 كىشىگە يەتتى. شۇنداقلا، تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش جەريانىدا خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئالدىنى ئالدى، ھوقۇق-پۇل سودىسى قاتارلىق قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە تۈزەتتى. 2010-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ساھەسىدە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىدىن جەمئىي 2169كىشىنى( بۇنىڭ ئىچىدە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر كىشى163 ) تەكشۈرۈپ ئۇلارغا چارە كۆردى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر