باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەنگلىيە سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2015.10.22 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن بىرگە لوندون پۇل مۇئامىلە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئەنگلىيە سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى تۇراقسىز بولىۋاتىدۇ. كەلگۈسى قانچە ئېنىقسىز بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىشىمىز كېرەك. تارىخىي تەجرىبە ۋە ئىقتىساد قانۇنىيىتى شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق ئەمەس، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاخىرقى يۈزلىنىش، بىر مەھەللىك سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ياكى بازارنىڭ جانلىق-جانسىزلىقى بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ھازىر ئاساسىي جەھەتتە مۇقىم. ئىشىنىمىزكى ياۋروپا چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. قىسمەن يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا، بىر قىسىم دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن نەچچە ئون يىللىق تېز تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ ھەجىمى كېڭىيىپ، چىدامچانلىقى ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئاساسى پۇختىلىنىپ، ئىقتىساد ئاساسىي ئامىلى يەنىلا ياخشى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە قەدەم قويدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق ئېشىۋاتقان ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادى %6.9 ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچى بولۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپتىن ساقلىنىش جەھەتلەردە مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلىدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق دائىرە ۋە مۆلچەر نىشان دائىرىسىدە بولدى. جۇڭگو ئىقتىسادىدا ھەقىقەتەن بەلگىلىك نىسبەتتە تۆۋەنلەش بېسىمى، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت بار، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىپ بەلگىلىك باسقۇچ، سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن چوقۇم يۈز بېرىدىغان جەريان بولۇپ نورمال تەڭشەش كېرەك. بىز مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپتىن ساقلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر