باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2015.09.23 09:35         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 21-سېنتەبىر موسكۋادا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم-ئايرىم يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئىنتىزار. جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگو دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ خىزمەتلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. مەن بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا ۋە ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر