باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈرۈپ كەتتى

2015.09.23 09:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. شى جىنپىڭ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ تەكىلىپىگە بىنائەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلاردىن يەنە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر