باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك(2)

2015.07.30 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەردوغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن تۈركىيەنىڭ زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مۇھىم گۈللەنمە بازىرى دۆلىتى. رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يادرولۇق مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، ھەر قايسى ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلار دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۆمۈر يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت، ئالاقىلىشىش قاتارلىق كەسىپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەكشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق گۈللەنمە ساھەدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك، نىشانى ئېنىق، تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر ئالاقىلىشىش، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. تۈركىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروت بازىسى بولۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر