باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.05.11 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ماي مىنسكىدا بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ماي بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ب بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بېلارۇسىيەنىڭ ياخشى دوستى، ھەمراھى. ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىگە مەدەتكار بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. ئىككى دۆلەت 2013-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قۇيۇقلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سۈپەت ۋە مىقداردا تەڭ ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللە، پۇختا ئاساس، مېخانىزىملىرى راۋان بولۇشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمىقى زىيارىتىم جۇڭگو دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئارىدىن 14 يىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن بېلارۇسىيەنى يەنە زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك سىياسىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپ بەردى.

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ماي بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكىغا بېرىپ، بېلارۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايروپورتقا چىقىپ شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ماي مىنسكىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو ئۇيۇشتۇرغان قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر