باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇ يۇڭكاڭ، شۈ سەيخۇنىڭ تەسىرىنى قانداق قىلغاندا تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولىدۇ؟

2015.01.27 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زىيارەت قىلىنغۇچىلار: پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىۋىنىڭ پروفېسسورى جاڭ شىشيەن، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گۇڭ فاڭشەن

  1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەركەزنى سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇ يۇڭكاڭ ھوقۇق-پۇل، ھوقۇق-سەتەڭ سودىسى قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ناچار كادىرلارنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك 10-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا: جۇ يۇڭكاڭنىڭ سىچۈەننىڭ ئىشلىرىغا ئۇزاق ۋاقىت قول تىقىپ، سىچۈەننىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە پەيدا قىلغان ناچار تەسىرىنى چوقۇم چوڭقۇر تونۇش كېرەك، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئارمىيە تەرەپمۇ كۆپ قېتىم شۈ سەيخۇنىڭ ناچار تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ دېلولارنىڭ قانداق تەسىرى بار؟ قانداق قىلغاندا تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولىدۇ؟

  جاڭ شىشيەن مۇنداق دېدى: بىرىنچىسى، بۇنى ئىدىيەىۋى قاتلامدىن چۈشۈنۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن، جۇ يۇڭكاڭ ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قاتارلىق چىرىكلىك ئىدىيەلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ سىياسىي-قانۇن كومىتېتىغا مەسئۇل بولغاندا شەكىللەنگەن كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئىككىنچىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىپ قالغان چىرىكلىك مەسىلىسىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ ئىككىنچىدىن قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىكلەر مۇناسىۋىتىنى جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرېۋىلىشقا قەتئىي يول قويماسلىق؛ ئۈچىنچىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش بىلەن تۈزۈم ئورنىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنى ئەتىراپلىق ئانالىز قىلىش ۋە يەكۈنلەش داۋامىدا، تۈزۈم ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى قانۇن ياكى تۈزۈملەردىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىرى ياكى يۇچۇق بارلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيە، تەشكىلىي، تۈزۈم، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتىدىن قۇرۇش كېرەك. گۇڭ فاڭشەن مۇنداق دېدى: تەلتۆكۈس يوقىتىش ئەڭ باشتا ئۇ بىر خىل غەيرەت ۋە پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر. يەنى ئارمىيىدىكى بارلىق كوماندىر-ئەسكەرلەرگە شۈ سەيخۇنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش قايسى بىر نۇقتىكى مەسىلىگە، قايسى بىر قاتلامدىكى مەسىلىگە قارىتىلمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇ تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق قاتلام ۋە دائىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ھەم ھەقىقىي يۇسۇندا يوقىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ سۆز، سۈرەت قاتارلىق كۆرگىلى بولىدىغان شەكلەن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەڭ مۇھىمى كۆرۈنمەيدىغان، ھىسسىيات جەھەتتىكى، ئىدىيە، تونۇش جەھەتتىكىدىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاتا تەسىرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن كوماندىر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا يېڭىدىن روھىي كۈچ ۋە قىممەت نىشانى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر