باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.11.13 09:10   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نويابىر خەلق سارىيىدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  دۆلەت مېھمان ماشىنا ئەترىتى موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ ھىمايىسىدە چاڭئەن كوچىسىدىن خەلق سارىيىغا يېتىپ كەلدى، ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى. ئوباما شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ سۆھبەت باشلانغاندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا مەن سىز بىلەن ئاننابېرگ قورۇسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بىردەك قوشۇلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككىمىز ھاسىل قىلغان ئورتاق قاراشقا ئاساسەن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئىجابىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 520 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش مىقدارى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، خادىملار ئالاقىسى 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئىككى دۆلەت بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە، ئېبولا يۇقىمىغا تاقابىل تۇرۇشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، 35 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرگە توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق،ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ۋە ئوبدان نەپ يەتكۈزىدۇ. مەن سىز بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.

  ئوباما رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 10-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە ئېلىمىزگە كېلىپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. 11-نويابىر كەچتە ئىككى دۆلەت باشلىقى جۇڭنەنخەيدە ئۇچراشتى، شى جىنپىڭ ئوبامانى كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقى يەنە بىرلىكتە سەيلە قىلدى ۋە چاي ئىچتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)